Selected

Original Text
Muhammad Saleh

Available Translations

7 Al-'A`rāf ٱلْأَعْرَاف

< Previous   206 Āyah   The Heights      Next >  

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
In the name of Allah, Most Gracious, Most Merciful.

7:73 وَإِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمْ صَـٰلِحًا ۗ قَالَ يَـٰقَوْمِ ٱعْبُدُوا۟ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنْ إِلَـٰهٍ غَيْرُهُۥ ۖ قَدْ جَآءَتْكُم بَيِّنَةٌ مِّن رَّبِّكُمْ ۖ هَـٰذِهِۦ نَاقَةُ ٱللَّهِ لَكُمْ ءَايَةً ۖ فَذَرُوهَا تَأْكُلْ فِىٓ أَرْضِ ٱللَّهِ ۖ وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوٓءٍ فَيَأْخُذَكُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
7:73 سەمۇدقا ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق). ئۇ: «ئى قەۋمىم! اﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە اﷲ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن مۆجىزە كەلدى، مانا بۇ - اﷲ (بىۋاسىتە) ياراتقان چېشى تۆگىمۇ سىلەرگە مېنىڭ مۆجىزەمدۇر، ئۇنى اﷲ نىڭ زېمىنىغا قويۇۋېتىڭلار، ئىختىيارىي ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەڭلار، بولمىسا، سىلەرنى قاتتىق ئازاب ھالاك قىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)