Selected

Original Text
Muhammad Saleh

Available Translations

40 Ghāfir غَافِر

< Previous   85 Āyah   The Forgiver      Next >  

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
In the name of Allah, Most Gracious, Most Merciful.

40:1 حمٓ
40:1 حامىم - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:2 تَنزِيلُ ٱلْكِتَـٰبِ مِنَ ٱللَّهِ ٱلْعَزِيزِ ٱلْعَلِيمِ
40:2 (بۇ) كىتاب (يەنى قۇرئان) غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:3 غَافِرِ ٱلذَّنۢبِ وَقَابِلِ ٱلتَّوْبِ شَدِيدِ ٱلْعِقَابِ ذِى ٱلطَّوْلِ ۖ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ إِلَيْهِ ٱلْمَصِيرُ
40:3 (اﷲ) گۇناھنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر. (اﷲ نىڭ) ئازابى قاتتىقتۇر، (اﷲ) ئىنئام ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاقىۋەت قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:4 مَا يُجَـٰدِلُ فِىٓ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ إِلَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فَلَا يَغْرُرْكَ تَقَلُّبُهُمْ فِى ٱلْبِلَـٰدِ
40:4 اﷲ نىڭ ئايەتلىرى (يەنى قۇرئان) توغرىسىدا پەقەت كاپىرلار مۇجادىلە قىلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ شەھەرلەردە بېرىپ - كېلىپ يۈرۈشلىرىگە مەغرۇر بولۇپ كەتمىگىن - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:5 كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَٱلْأَحْزَابُ مِنۢ بَعْدِهِمْ ۖ وَهَمَّتْ كُلُّ أُمَّةٍۭ بِرَسُولِهِمْ لِيَأْخُذُوهُ ۖ وَجَـٰدَلُوا۟ بِٱلْبَـٰطِلِ لِيُدْحِضُوا۟ بِهِ ٱلْحَقَّ فَأَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ عِقَابِ
40:5 ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن بۇرۇن، نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى (پەيغەمبەرلىرىگە قارشى ئۇيۇشقان ئاد ۋە سەمۇدقا ئوخشاش) جامائەلار (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى. (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى ئۈممەتلەردىن) ھەر ئۈممەت ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھالاك قىلىشنى قەستلىدى. ھەقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن باتىل (سۆزلەر ئارقىلىق پەيغەمبەرلىرى بىلەن) مۇنازىرە قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدىم، مېنىڭ ئازابىم قانداق ئىكەن؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:6 وَكَذَٰلِكَ حَقَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ عَلَى ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ أَنَّهُمْ أَصْحَـٰبُ ٱلنَّارِ
40:6 شۇنىڭدەك (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە تېگىشلىك بولغاندەك) پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى. ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:7 ٱلَّذِينَ يَحْمِلُونَ ٱلْعَرْشَ وَمَنْ حَوْلَهُۥ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَيُؤْمِنُونَ بِهِۦ وَيَسْتَغْفِرُونَ لِلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ رَبَّنَا وَسِعْتَ كُلَّ شَىْءٍ رَّحْمَةً وَعِلْمًا فَٱغْفِرْ لِلَّذِينَ تَابُوا۟ وَٱتَّبَعُوا۟ سَبِيلَكَ وَقِهِمْ عَذَابَ ٱلْجَحِيمِ
40:7 ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئەرشنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدى ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، مۆمىنلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەۋبە قىلغانلارغا ۋە سېنىڭ يولۇڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:8 رَبَّنَا وَأَدْخِلْهُمْ جَنَّـٰتِ عَدْنٍ ٱلَّتِى وَعَدتَّهُمْ وَمَن صَلَحَ مِنْ ءَابَآئِهِمْ وَأَزْوَٰجِهِمْ وَذُرِّيَّـٰتِهِمْ ۚ إِنَّكَ أَنتَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ
40:8 پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىدىن، ئاياللىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن ياخشى بولغانلارنى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك جەننەتكە كىرگۈزگىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:9 وَقِهِمُ ٱلسَّيِّـَٔاتِ ۚ وَمَن تَقِ ٱلسَّيِّـَٔاتِ يَوْمَئِذٍ فَقَدْ رَحِمْتَهُۥ ۚ وَذَٰلِكَ هُوَ ٱلْفَوْزُ ٱلْعَظِيمُ
40:9 پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن ساقلىغىن، سەن كىمنى يامان ئىشلاردىن ساقلايدىكەنسەن، شۈبھىسىزكى، بۇ كۈندە سەن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىسەن، بۇ چوڭ بەختتۇر» - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:10 إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ يُنَادَوْنَ لَمَقْتُ ٱللَّهِ أَكْبَرُ مِن مَّقْتِكُمْ أَنفُسَكُمْ إِذْ تُدْعَوْنَ إِلَى ٱلْإِيمَـٰنِ فَتَكْفُرُونَ
40:10 شۈبھىسىزكى، كاپىرلارغا: «اﷲ نىڭ (دۇنيادا) سىلەرگە بولغان غەزىپى سىلەرنىڭ (ئاخىرەتتە) بىر - بىرىڭلارغا بولغان غەزىپىڭلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ، چۈنكى سىلەر ئىمانغا دەۋەت قىلىناتتىڭلار، لېكىن ئىمان ئېيتمايتتىڭلار» دەپ نىدا قىلىنىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:11 قَالُوا۟ رَبَّنَآ أَمَتَّنَا ٱثْنَتَيْنِ وَأَحْيَيْتَنَا ٱثْنَتَيْنِ فَٱعْتَرَفْنَا بِذُنُوبِنَا فَهَلْ إِلَىٰ خُرُوجٍ مِّن سَبِيلٍ
40:11 ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈرۈپ، ئىككى قېتىم تىرىلدۈردۈڭ، بىز گۇناھىمىزغا ئىقرار قىلدۇق، ئەمدى چىقىش يولى تېپىلارمۇ؟» دەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:12 ذَٰلِكُم بِأَنَّهُۥٓ إِذَا دُعِىَ ٱللَّهُ وَحْدَهُۥ كَفَرْتُمْ ۖ وَإِن يُشْرَكْ بِهِۦ تُؤْمِنُوا۟ ۚ فَٱلْحُكْمُ لِلَّهِ ٱلْعَلِىِّ ٱلْكَبِيرِ
40:12 بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، سىلەر اﷲ نى بىر دەپ بىلىشكە چاقىرىلغاندا (بۇنى) ئىنكار قىلدىڭلار، ئەگەر اﷲ قا شېرىك كەلتۈرۈلسە (يەنى لات، ئۇززا قاتارلىق بۇتلارغا چوقۇنۇشقا چاقىرىلساڭلار) ئۇنى تەستىق قىلىسىلەر (يەنى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىقىنى ئېتىراپ قىلىسىلەر)، ھۆكۈم يۈكسەك، بۈيۈك اﷲ قا خاستۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:13 هُوَ ٱلَّذِى يُرِيكُمْ ءَايَـٰتِهِۦ وَيُنَزِّلُ لَكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ رِزْقًا ۚ وَمَا يَتَذَكَّرُ إِلَّا مَن يُنِيبُ
40:13 اﷲ سىلەرگە (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەرگە كۆكتىن يامغۇر بىلەن رىزىق چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، پەقەت اﷲ نىڭ تائىتىگە قايتقان كىشىلەرلا (اﷲ نىڭ ئايەتلىرىدىن) ۋەز - نەسىھەت ئالىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:14 فَٱدْعُوا۟ ٱللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ وَلَوْ كَرِهَ ٱلْكَـٰفِرُونَ
40:14 دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا اﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، كاپىرلار، ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:15 رَفِيعُ ٱلدَّرَجَـٰتِ ذُو ٱلْعَرْشِ يُلْقِى ٱلرُّوحَ مِنْ أَمْرِهِۦ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنْ عِبَادِهِۦ لِيُنذِرَ يَوْمَ ٱلتَّلَاقِ
40:15 اﷲ نىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرىدۇر، (اﷲ) ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، (خالايىق) مۇلاقات بولۇشىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، اﷲ ئۆز ھۆكمى بويىچە بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە ۋەھيى چۈشۈرىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:16 يَوْمَ هُم بَـٰرِزُونَ ۖ لَا يَخْفَىٰ عَلَى ٱللَّهِ مِنْهُمْ شَىْءٌ ۚ لِّمَنِ ٱلْمُلْكُ ٱلْيَوْمَ ۖ لِلَّهِ ٱلْوَٰحِدِ ٱلْقَهَّارِ
40:16 ئۇلار قەبرىلەردىن چىققان كۈندە اﷲ قا ئۇلاردىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن، ئەمەللىرىدىن، سىرلىرىدىن) ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، بۈگۈن پادىشاھلىق كىمگە خاس؟ غالىب بىر اﷲ قا خاستۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:17 ٱلْيَوْمَ تُجْزَىٰ كُلُّ نَفْسٍۭ بِمَا كَسَبَتْ ۚ لَا ظُلْمَ ٱلْيَوْمَ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلْحِسَابِ
40:17 بۈگۈن ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ، بۈگۈن زۇلۇم يوقتۇر، اﷲ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:18 وَأَنذِرْهُمْ يَوْمَ ٱلْـَٔازِفَةِ إِذِ ٱلْقُلُوبُ لَدَى ٱلْحَنَاجِرِ كَـٰظِمِينَ ۚ مَا لِلظَّـٰلِمِينَ مِنْ حَمِيمٍ وَلَا شَفِيعٍ يُطَاعُ
40:18 ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا دىللار (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) بوغۇزلارغا قاپلىشىۋالىدۇ، ئۇلار قايغۇ - ھەسرەتكە تولىدۇ، زالىملارغا يېقىن دوست ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:19 يَعْلَمُ خَآئِنَةَ ٱلْأَعْيُنِ وَمَا تُخْفِى ٱلصُّدُورُ
40:19 اﷲ كۆزلەرنىڭ خىيانىتىنى ۋە دىللاردىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:20 وَٱللَّهُ يَقْضِى بِٱلْحَقِّ ۖ وَٱلَّذِينَ يَدْعُونَ مِن دُونِهِۦ لَا يَقْضُونَ بِشَىْءٍ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْبَصِيرُ
40:20 اﷲ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۇلار اﷲ نى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلار ھېچ نەرسىگە ھۆكۈم چىقىرىشقا قادىر ئەمەس، اﷲ ھەقىقەتەن (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:21 ۞ أَوَلَمْ يَسِيرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ فَيَنظُرُوا۟ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ كَانُوا۟ مِن قَبْلِهِمْ ۚ كَانُوا۟ هُمْ أَشَدَّ مِنْهُمْ قُوَّةً وَءَاثَارًا فِى ٱلْأَرْضِ فَأَخَذَهُمُ ٱللَّهُ بِذُنُوبِهِمْ وَمَا كَانَ لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن وَاقٍ
40:21 ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بولسا زېمىندا كۈچ - قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار (يەنى ئۆي - ئىمارەت قۇرۇش) جەھەتتە بۇلار (يەنى سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ كاپىرلىرى) دىن ئۈستۈن ئىدى، گۇناھى تۈپەيلىدىن اﷲ ئۇلارنى جازالىدى، ئۇلارنى ھېچ ئەھەدى اﷲ نىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمىدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:22 ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانَت تَّأْتِيهِمْ رُسُلُهُم بِٱلْبَيِّنَـٰتِ فَكَفَرُوا۟ فَأَخَذَهُمُ ٱللَّهُ ۚ إِنَّهُۥ قَوِىٌّ شَدِيدُ ٱلْعِقَابِ
40:22 بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار ئىشەنمىدى، شۇنىڭ بىلەن اﷲ ئۇلارنى جازالىدى. اﷲ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، (اﷲ نىڭ) ئازابى قاتتىقتۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:23 وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِـَٔايَـٰتِنَا وَسُلْطَـٰنٍ مُّبِينٍ
40:23 بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:24 إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَهَـٰمَـٰنَ وَقَـٰرُونَ فَقَالُوا۟ سَـٰحِرٌ كَذَّابٌ
40:24 بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:25 فَلَمَّا جَآءَهُم بِٱلْحَقِّ مِنْ عِندِنَا قَالُوا۟ ٱقْتُلُوٓا۟ أَبْنَآءَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مَعَهُۥ وَٱسْتَحْيُوا۟ نِسَآءَهُمْ ۚ وَمَا كَيْدُ ٱلْكَـٰفِرِينَ إِلَّا فِى ضَلَـٰلٍ
40:25 مۇسا ئۇلارغا دەرگاھىمىزدىن ھەق (يەنى پەيغەمبەرلىك) بىلەن كەلگەندە، ئۇلار: «مۇسا بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى (نەسلىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن) ئۆلتۈرۈڭلار، ئاياللىرىنى (خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) قالدۇرۇڭلار» دېدى. كاپىرلارنىڭ ھىيلە - مىكرى پەقەت بەربات بولىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:26 وَقَالَ فِرْعَوْنُ ذَرُونِىٓ أَقْتُلْ مُوسَىٰ وَلْيَدْعُ رَبَّهُۥٓ ۖ إِنِّىٓ أَخَافُ أَن يُبَدِّلَ دِينَكُمْ أَوْ أَن يُظْهِرَ فِى ٱلْأَرْضِ ٱلْفَسَادَ
40:26 پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن» - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:27 وَقَالَ مُوسَىٰٓ إِنِّى عُذْتُ بِرَبِّى وَرَبِّكُم مِّن كُلِّ مُتَكَبِّرٍ لَّا يُؤْمِنُ بِيَوْمِ ٱلْحِسَابِ
40:27 مۇسا ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار (بولغان اﷲ) غا سېغىنىپ، ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) گە ئىشەنمەيدىغان ھەر بىر مۇتەكەببىر (نىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى) دىن پاناھ تىلەيمەن» - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:28 وَقَالَ رَجُلٌ مُّؤْمِنٌ مِّنْ ءَالِ فِرْعَوْنَ يَكْتُمُ إِيمَـٰنَهُۥٓ أَتَقْتُلُونَ رَجُلًا أَن يَقُولَ رَبِّىَ ٱللَّهُ وَقَدْ جَآءَكُم بِٱلْبَيِّنَـٰتِ مِن رَّبِّكُمْ ۖ وَإِن يَكُ كَـٰذِبًا فَعَلَيْهِ كَذِبُهُۥ ۖ وَإِن يَكُ صَادِقًا يُصِبْكُم بَعْضُ ٱلَّذِى يَعِدُكُمْ ۖ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهْدِى مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ كَذَّابٌ
40:28 پىرئەۋن خانىدانىغا مەنسۇپ، ئىمانىنى يوشۇرىدىغان بىر مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «سىلەر 'پەرۋەردىگارىم اﷲ' دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇ (پەيغەمبەرلىك دەۋاسىدا) يالغانچى بولسا، يالغانچىلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر، ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە كېلىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:29 يَـٰقَوْمِ لَكُمُ ٱلْمُلْكُ ٱلْيَوْمَ ظَـٰهِرِينَ فِى ٱلْأَرْضِ فَمَن يَنصُرُنَا مِنۢ بَأْسِ ٱللَّهِ إِن جَآءَنَا ۚ قَالَ فِرْعَوْنُ مَآ أُرِيكُمْ إِلَّا مَآ أَرَىٰ وَمَآ أَهْدِيكُمْ إِلَّا سَبِيلَ ٱلرَّشَادِ
40:29 ئى قەۋمىم! بۈگۈن سەلتەنەت سىلەرنىڭ ئىلگىڭلاردىدۇر، (مىسىر) زېمىنىدا سىلەر غالىبسىلەر، ئەگەر بىزگە اﷲ نىڭ ئازابى كەلسە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا بىزگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟» پىرئەۋن ئېيتتى: «مەن سىلەرگە پەقەت نېمىنى توغرا دەپ قارىسام، شۇنى مەسلىھەت بېرىمەن. سىلەرنى مەن پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن» - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:30 وَقَالَ ٱلَّذِىٓ ءَامَنَ يَـٰقَوْمِ إِنِّىٓ أَخَافُ عَلَيْكُم مِّثْلَ يَوْمِ ٱلْأَحْزَابِ
40:30 مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن، اﷲ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:31 مِثْلَ دَأْبِ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ وَٱلَّذِينَ مِنۢ بَعْدِهِمْ ۚ وَمَا ٱللَّهُ يُرِيدُ ظُلْمًا لِّلْعِبَادِ
40:31 مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن، اﷲ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:32 وَيَـٰقَوْمِ إِنِّىٓ أَخَافُ عَلَيْكُمْ يَوْمَ ٱلتَّنَادِ
40:32 ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىدىن ئەنسىرەيمەن - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:33 يَوْمَ تُوَلُّونَ مُدْبِرِينَ مَا لَكُم مِّنَ ٱللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ ۗ وَمَن يُضْلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِنْ هَادٍ
40:33 ئۇ كۈندە (دوزاخ ئازابىنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇپ) ئارقاڭلارغا چېكىنىسىلەر، سىلەرگە ھېچ اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى بولمايدۇ. كىمكى اﷲ ئۇنى گۇمراھ قىلىدىكەن، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:34 وَلَقَدْ جَآءَكُمْ يُوسُفُ مِن قَبْلُ بِٱلْبَيِّنَـٰتِ فَمَا زِلْتُمْ فِى شَكٍّ مِّمَّا جَآءَكُم بِهِۦ ۖ حَتَّىٰٓ إِذَا هَلَكَ قُلْتُمْ لَن يَبْعَثَ ٱللَّهُ مِنۢ بَعْدِهِۦ رَسُولًا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ ٱللَّهُ مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ مُّرْتَابٌ
40:34 شەك - شۈبھىسىزكى، ئىلگىرى سىلەرگە يۇسۇف (اﷲ نىڭ دەرگاھىدىن) روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىلدىن سىلەر ھامان شەكلەندىڭلار، تاكى ئۇ ۋاپات بولغاندا، (دەلىل - پاكىتسىز) ھالدا، اﷲ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ' دېدىڭلار، اﷲ (گۇناھتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىنى، (دىندا) شەكلەنگۈچىنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ» - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:35 ٱلَّذِينَ يُجَـٰدِلُونَ فِىٓ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَـٰنٍ أَتَىٰهُمْ ۖ كَبُرَ مَقْتًا عِندَ ٱللَّهِ وَعِندَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ۚ كَذَٰلِكَ يَطْبَعُ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ قَلْبِ مُتَكَبِّرٍ جَبَّارٍ
40:35 اﷲ نىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (اﷲ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلار اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ۋە مۆمىنلەرنىڭ نەزىرىدە قاتتىق نەپرەتكە قالىدۇ، بۇزغۇنچىلىق قىلىپ (ئىماندىن باش تارتقان)، (بەندىلەرگە) زومىگەرلىك قىلغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ دىلىنى اﷲ مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:36 وَقَالَ فِرْعَوْنُ يَـٰهَـٰمَـٰنُ ٱبْنِ لِى صَرْحًا لَّعَلِّىٓ أَبْلُغُ ٱلْأَسْبَـٰبَ
40:36 پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا–ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە - مىكرى پەقەت بىكاردۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:37 أَسْبَـٰبَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ فَأَطَّلِعَ إِلَىٰٓ إِلَـٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّى لَأَظُنُّهُۥ كَـٰذِبًا ۚ وَكَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِفِرْعَوْنَ سُوٓءُ عَمَلِهِۦ وَصُدَّ عَنِ ٱلسَّبِيلِ ۚ وَمَا كَيْدُ فِرْعَوْنَ إِلَّا فِى تَبَابٍ
40:37 پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا–ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە - مىكرى پەقەت بىكاردۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:38 وَقَالَ ٱلَّذِىٓ ءَامَنَ يَـٰقَوْمِ ٱتَّبِعُونِ أَهْدِكُمْ سَبِيلَ ٱلرَّشَادِ
40:38 (پىرئەۋن خاندانىدىن) ئىمان ئېيتقان كىشى ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەر ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:39 يَـٰقَوْمِ إِنَّمَا هَـٰذِهِ ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَا مَتَـٰعٌ وَإِنَّ ٱلْـَٔاخِرَةَ هِىَ دَارُ ٱلْقَرَارِ
40:39 ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت (ۋاقىتلىق) پايدىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، ئاخىرەت ھەقىقەتەن (مەڭگۈلۈك) قارارگاھتۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:40 مَنْ عَمِلَ سَيِّئَةً فَلَا يُجْزَىٰٓ إِلَّا مِثْلَهَا ۖ وَمَنْ عَمِلَ صَـٰلِحًا مِّن ذَكَرٍ أَوْ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ يَدْخُلُونَ ٱلْجَنَّةَ يُرْزَقُونَ فِيهَا بِغَيْرِ حِسَابٍ
40:40 كىمكى (بۇ دۇنيادا) بىرەر يامانلىقنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا (ئاخىرەتتە) شۇنىڭغا لايىق جازا بېرىلىدۇ، مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، كىمكى ئۆزى مۆمىن تۇرۇپ بىرەر ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، جەننەتتە ئۇلارغا ھېسابسىز رىزىق بېرىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:41 ۞ وَيَـٰقَوْمِ مَا لِىٓ أَدْعُوكُمْ إِلَى ٱلنَّجَوٰةِ وَتَدْعُونَنِىٓ إِلَى ٱلنَّارِ
40:41 ئى قەۋمىم! ماڭا نېمىدۇركى، سىلەرنى مەن (دوزاختىن) قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلىمەن، سىلەر بولساڭلار مېنى دوزاخقا دەۋەت قىلىسىلەر - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:42 تَدْعُونَنِى لِأَكْفُرَ بِٱللَّهِ وَأُشْرِكَ بِهِۦ مَا لَيْسَ لِى بِهِۦ عِلْمٌ وَأَنَا۠ أَدْعُوكُمْ إِلَى ٱلْعَزِيزِ ٱلْغَفَّـٰرِ
40:42 سىلەر مېنى اﷲ نى ئىنكار قىلىشقا، مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىسىلەر، ھالبۇكى، مەن سىلەرنى غالىب، (بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى (اﷲ) غا دەۋەت قىلىمەن - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:43 لَا جَرَمَ أَنَّمَا تَدْعُونَنِىٓ إِلَيْهِ لَيْسَ لَهُۥ دَعْوَةٌ فِى ٱلدُّنْيَا وَلَا فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ وَأَنَّ مَرَدَّنَآ إِلَى ٱللَّهِ وَأَنَّ ٱلْمُسْرِفِينَ هُمْ أَصْحَـٰبُ ٱلنَّارِ
40:43 ھەقىقەتەن سىلەر مېنى ئۇنىڭغا (يەنى بۇتقا) ئىبادەت قىلشىقا چاقىرىسىلەر، ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە (ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا) چاقىرغىنى يوق، بىزنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايىمىز اﷲ نىڭ دەرگاھىدۇر، (گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئەھلى دوزاختۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:44 فَسَتَذْكُرُونَ مَآ أَقُولُ لَكُمْ ۚ وَأُفَوِّضُ أَمْرِىٓ إِلَى ٱللَّهِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ بَصِيرٌۢ بِٱلْعِبَادِ
40:44 (سىلەرگە ئازاب نازىل بولغان چاغدا) سىلەرگە ئېيتقان سۆزۈمنىڭ (راستلىقىنى) ئەسلەيسىلەر، مەن ئىشىمنى اﷲ قا تاپشۇرىمەن، اﷲ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:45 فَوَقَىٰهُ ٱللَّهُ سَيِّـَٔاتِ مَا مَكَرُوا۟ ۖ وَحَاقَ بِـَٔالِ فِرْعَوْنَ سُوٓءُ ٱلْعَذَابِ
40:45 اﷲ ئۇنى پىرئەۋن جامائەسىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. پىرئەۋن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاب نازىل بولدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:46 ٱلنَّارُ يُعْرَضُونَ عَلَيْهَا غُدُوًّا وَعَشِيًّا ۖ وَيَوْمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ أَدْخِلُوٓا۟ ءَالَ فِرْعَوْنَ أَشَدَّ ٱلْعَذَابِ
40:46 ئۇلار ئەتىگىنى - ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «ئى پىرئەۋن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا (دوزاخ ئوتىغا) كىرىڭلار!» (دېيىلىدۇ) - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:47 وَإِذْ يَتَحَآجُّونَ فِى ٱلنَّارِ فَيَقُولُ ٱلضُّعَفَـٰٓؤُا۟ لِلَّذِينَ ٱسْتَكْبَرُوٓا۟ إِنَّا كُنَّا لَكُمْ تَبَعًا فَهَلْ أَنتُم مُّغْنُونَ عَنَّا نَصِيبًا مِّنَ ٱلنَّارِ
40:47 ئۇ چاغدا ئۇلار دوزاختا ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىدۇ، ئاجىز (ئەگەشكۈچىلەر) ھاكاۋۇر (ئەگەشتۈرگۈچىلىرىگە): «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئەگەشكەن ئىدۇق، بىزدىن دوزاخ ئازابىدىن بىر قىسىمىنى ئېلىپ تاشلىيالامسىلەر؟» دەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:48 قَالَ ٱلَّذِينَ ٱسْتَكْبَرُوٓا۟ إِنَّا كُلٌّ فِيهَآ إِنَّ ٱللَّهَ قَدْ حَكَمَ بَيْنَ ٱلْعِبَادِ
40:48 ھاكاۋۇر (ئەگەشتۈرگۈچىلىرى): «شۈبھىسىزكى، بىز ھەممىمىز دوزاختادۇرمىز، اﷲ ھەقىقەتەن بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقاردى» دەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:49 وَقَالَ ٱلَّذِينَ فِى ٱلنَّارِ لِخَزَنَةِ جَهَنَّمَ ٱدْعُوا۟ رَبَّكُمْ يُخَفِّفْ عَنَّا يَوْمًا مِّنَ ٱلْعَذَابِ
40:49 دوزاختىكىلەر دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار، ئۇ بىزدىن بىر كۈنلۈك ئازابنى يېنىكلەتسە ئىكەن» دەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:50 قَالُوٓا۟ أَوَلَمْ تَكُ تَأْتِيكُمْ رُسُلُكُم بِٱلْبَيِّنَـٰتِ ۖ قَالُوا۟ بَلَىٰ ۚ قَالُوا۟ فَٱدْعُوا۟ ۗ وَمَا دُعَـٰٓؤُا۟ ٱلْكَـٰفِرِينَ إِلَّا فِى ضَلَـٰلٍ
40:50 ئۇلار (يەنى دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر): «پەيغەمبىرىڭلار سىلەرگە روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلمىگەنمىدى؟» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى كۇففارلار): «ھەئە، ئېلىپ كەلگەن ئىدى» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر): «سىلەر دۇئا قىلىڭلار، (لېكىن) كاپىرلارنىڭ دۇئاسى پايدىسىزدۇر» دەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:51 إِنَّا لَنَنصُرُ رُسُلَنَا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَيَوْمَ يَقُومُ ٱلْأَشْهَـٰدُ
40:51 شەك - شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبىرىمىزگە، مۆمىنلەرگە ھاياتىي دۇنيادا ۋە (پەرىشتە، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەردىن بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھ بولىدىغان) گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:52 يَوْمَ لَا يَنفَعُ ٱلظَّـٰلِمِينَ مَعْذِرَتُهُمْ ۖ وَلَهُمُ ٱللَّعْنَةُ وَلَهُمْ سُوٓءُ ٱلدَّارِ
40:52 ئۇ كۈندە كاپىرلارنىڭ ئۆزرىلىرى پايدا بەرمەيدۇ، ئۇلار لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلار ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:53 وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْهُدَىٰ وَأَوْرَثْنَا بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ٱلْكِتَـٰبَ
40:53 شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا ھىدايەت ئاتا قىلدۇق، ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتاب (يەنى تەۋرات) نى مىراس قىلىپ بەردۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:54 هُدًى وَذِكْرَىٰ لِأُو۟لِى ٱلْأَلْبَـٰبِ
40:54 (ئۇ) ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە نەسىھەتتۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:55 فَٱصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ ٱللَّهِ حَقٌّ وَٱسْتَغْفِرْ لِذَنۢبِكَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ بِٱلْعَشِىِّ وَٱلْإِبْكَـٰرِ
40:55 (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن، اﷲ نىڭ (ساڭا ۋە سېنىڭ تەۋەلىرىڭگە ياردەم بېرىش) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، گۇناھىڭغا ئىستىغپار ئېيتقىن، ئاخشىمى - ئەتىگىنى پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:56 إِنَّ ٱلَّذِينَ يُجَـٰدِلُونَ فِىٓ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَـٰنٍ أَتَىٰهُمْ ۙ إِن فِى صُدُورِهِمْ إِلَّا كِبْرٌ مَّا هُم بِبَـٰلِغِيهِ ۚ فَٱسْتَعِذْ بِٱللَّهِ ۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْبَصِيرُ
40:56 شۈبھىسىزكى، اﷲ نىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (اﷲ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلارنىڭ كۆكرەكلىرىدە پەقەت كىبرى بار، ئۇلار (اﷲ نىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت) مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، اﷲ قا سېغىنىپ (ئۇلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىگىن)، ھەقىقەتەن اﷲ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:57 لَخَلْقُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ أَكْبَرُ مِنْ خَلْقِ ٱلنَّاسِ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
40:57 ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىش ئەلۋەتتە ئىنسانلارنى يارىتىشتىن كۆپ قىيىندۇر ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (بۇنى) ئۇقمايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:58 وَمَا يَسْتَوِى ٱلْأَعْمَىٰ وَٱلْبَصِيرُ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ وَلَا ٱلْمُسِىٓءُ ۚ قَلِيلًا مَّا تَتَذَكَّرُونَ
40:58 ئەما بىلەن كۆزى كۆرۈدىغان ئادەم (يەنى مۆمىن بىلەن كاپىر) باراۋەر بولمايدۇ، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئادەملەر بىلەن يامان ئىش قىلغۇچى ئادەملەر باراۋەر بولمايدۇ. سىلەر ئاز ۋەز - نەسىھەت ئالىسىلەر - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:59 إِنَّ ٱلسَّاعَةَ لَـَٔاتِيَةٌ لَّا رَيْبَ فِيهَا وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ
40:59 قىيامەت چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭدا شەك يوق ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئۇنىڭغا) ئىشەنمەيدۇ (شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى، قىيامەت كۈنى بېرىلىدىغان مۇكاپات بىلەن جازانى ئىنكار قىلىدۇ) - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:60 وَقَالَ رَبُّكُمُ ٱدْعُونِىٓ أَسْتَجِبْ لَكُمْ ۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِى سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ
40:60 پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ» - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:61 ٱللَّهُ ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلَّيْلَ لِتَسْكُنُوا۟ فِيهِ وَٱلنَّهَارَ مُبْصِرًا ۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى ٱلنَّاسِ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ
40:61 (كۈندۈزى ئىشلەپ يەتكەن ھارغىنلىقتىن) ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، اﷲ سىلەرگە كېچىنى (قاراڭغۇ قىلىپ) ياراتتى، (تىرىكچىلىك يولىدا ھەرىكەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن) كۈندۈزنى يورۇق ياراتتى. اﷲ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (اﷲ نىڭ ئېھسانىغا شۈكۈر قىلمايدۇ، اﷲ نىڭ مەرھەمىتى ۋە نېمەتلىرىگە نانكورلۇق قىلىدۇ) - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:62 ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمْ خَـٰلِقُ كُلِّ شَىْءٍ لَّآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ
40:62 ئەنە شۇ اﷲ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ (اﷲ قا ئىبادەت قىلىشتىن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:63 كَذَٰلِكَ يُؤْفَكُ ٱلَّذِينَ كَانُوا۟ بِـَٔايَـٰتِ ٱللَّهِ يَجْحَدُونَ
40:63 اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار (ھىدايەتتىن ۋە ھەقىقەتتىن) شۇنداق بۇرۇلۇپ كېتىدۇ (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىغا قايغۇرۇپ كەتمىگىن، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر مۇشۇنداق قىلغان) - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:64 ٱللَّهُ ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلْأَرْضَ قَرَارًا وَٱلسَّمَآءَ بِنَآءً وَصَوَّرَكُمْ فَأَحْسَنَ صُوَرَكُمْ وَرَزَقَكُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَـٰتِ ۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمْ ۖ فَتَبَارَكَ ٱللَّهُ رَبُّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
40:64 اﷲ سىلەرگە زېمىننى تۇرالغۇ، ئاسماننى بىنا قىلدى. سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى. سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى. سىلەرگە (تۈرلۈك) پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئەنە شۇ اﷲ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ نىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:65 هُوَ ٱلْحَىُّ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ فَٱدْعُوهُ مُخْلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ ۗ ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
40:65 اﷲ ھاياتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ قا خاستۇر! - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:66 ۞ قُلْ إِنِّى نُهِيتُ أَنْ أَعْبُدَ ٱلَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَمَّا جَآءَنِىَ ٱلْبَيِّنَـٰتُ مِن رَّبِّى وَأُمِرْتُ أَنْ أُسْلِمَ لِرَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
40:66 (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى: «پەرۋەردىگارىمدىن ماڭا روشەن دەلىللەر كەلگەن چاغدا، سىلەر اﷲ نى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەنئى قىلىندىم، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇم» - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:67 هُوَ ٱلَّذِى خَلَقَكُم مِّن تُرَابٍ ثُمَّ مِن نُّطْفَةٍ ثُمَّ مِنْ عَلَقَةٍ ثُمَّ يُخْرِجُكُمْ طِفْلًا ثُمَّ لِتَبْلُغُوٓا۟ أَشُدَّكُمْ ثُمَّ لِتَكُونُوا۟ شُيُوخًا ۚ وَمِنكُم مَّن يُتَوَفَّىٰ مِن قَبْلُ ۖ وَلِتَبْلُغُوٓا۟ أَجَلًا مُّسَمًّى وَلَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
40:67 اﷲ سىلەرنى (يەنى ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن، (ئۇنىڭ ئەۋلادىنى ئالدى بىلەن) ئابىمەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن ياراتتى، ئاندىن ئۇ سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاق ھالىتىڭلاردا چىقىرىدۇ، ئاندىن (كۈچ - قۇۋۋەت ۋە ئەقىلدە كامالەت يېشى) قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، ئاندىن قېرىيسىلەر– بەزىڭلار بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر–ئاندىن سىلەر مۇئەييەن ۋاقىتقىچە ياشايسىلەر، سىلەر (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) چۈشەنگەيسىلەر - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:68 هُوَ ٱلَّذِى يُحْىِۦ وَيُمِيتُ ۖ فَإِذَا قَضَىٰٓ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ
40:68 اﷲ تىرىلدۈرۈشكە ۋە ئۆلتۈرۈشكە قادىر، ئۇ بىرەر ئىشنى (قىلىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ - دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:69 أَلَمْ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ يُجَـٰدِلُونَ فِىٓ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ أَنَّىٰ يُصْرَفُونَ
40:69 اﷲ نىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە جاڭجاللىشىۋاتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار قانداقمۇ (ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:70 ٱلَّذِينَ كَذَّبُوا۟ بِٱلْكِتَـٰبِ وَبِمَآ أَرْسَلْنَا بِهِۦ رُسُلَنَا ۖ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
40:70 ئۇلار كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى، پەيغەمبەرلىرىمىزگە بىز نازىل قىلغان مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئىنكار قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:71 إِذِ ٱلْأَغْلَـٰلُ فِىٓ أَعْنَـٰقِهِمْ وَٱلسَّلَـٰسِلُ يُسْحَبُونَ
40:71 ئۇ چاغدا (يەنى دوزاخقا كىرگەندە) ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ، ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:72 فِى ٱلْحَمِيمِ ثُمَّ فِى ٱلنَّارِ يُسْجَرُونَ
40:72 ئۇ چاغدا (يەنى دوزاخقا كىرگەندە) ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ، ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:73 ثُمَّ قِيلَ لَهُمْ أَيْنَ مَا كُنتُمْ تُشْرِكُونَ
40:73 ئاندىن ئۇلارغا: «اﷲ نى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلار قەيەردە؟» دېيىلىدۇ، ئۇلار: «ئۇ بۇتلار ئۆزلىرىنى بىزدىن چەتكە ئالدى، بەلكى بىز ئىلگىرى ھېچنەرسىگە ئىبادەت قىلمايتتۇق» دەيدۇ. اﷲ كاپىرلارنى مۇشۇنداق گۇمراھ قىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:74 مِن دُونِ ٱللَّهِ ۖ قَالُوا۟ ضَلُّوا۟ عَنَّا بَل لَّمْ نَكُن نَّدْعُوا۟ مِن قَبْلُ شَيْـًٔا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ ٱللَّهُ ٱلْكَـٰفِرِينَ
40:74 ئاندىن ئۇلارغا: «اﷲ نى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلار قەيەردە؟» دېيىلىدۇ، ئۇلار: «ئۇ بۇتلار ئۆزلىرىنى بىزدىن چەتكە ئالدى، بەلكى بىز ئىلگىرى ھېچنەرسىگە ئىبادەت قىلمايتتۇق» دەيدۇ. اﷲ كاپىرلارنى مۇشۇنداق گۇمراھ قىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:75 ذَٰلِكُم بِمَا كُنتُمْ تَفْرَحُونَ فِى ٱلْأَرْضِ بِغَيْرِ ٱلْحَقِّ وَبِمَا كُنتُمْ تَمْرَحُونَ
40:75 بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە (گۇناھ قىلىپ پۇل - مالنى ھارام يوللارغا سەرپ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن) خۇشال بولغانلىقىڭلار ۋە ھاكاۋۇر بولۇپ كەتكەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:76 ٱدْخُلُوٓا۟ أَبْوَٰبَ جَهَنَّمَ خَـٰلِدِينَ فِيهَا ۖ فَبِئْسَ مَثْوَى ٱلْمُتَكَبِّرِينَ
40:76 سىلەر دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ ئۇ يەردە مەڭگۈ قېلىڭلار، مۇتەكەببۇرلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:77 فَٱصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ ٱللَّهِ حَقٌّ ۚ فَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ ٱلَّذِى نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيْنَا يُرْجَعُونَ
40:77 (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ سېنى ئىنكار قىلغانلىقىغا) سەۋر قىلغىن، اﷲ نىڭ (ئۇلارنى ئازابلاش توغرىسىدىكى) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، ساڭا بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسەتسەك (بۇ اﷲ نىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغانلىقىدۇر) ياكى سېنى (ئۇنى كۆرسىتىشتىن بۇرۇن) ۋاپات قىلدۇرساق، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ، (قىيامەتتە ئۇلار ئازابقا دۇچار بولىدۇ) - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:78 وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلًا مِّن قَبْلِكَ مِنْهُم مَّن قَصَصْنَا عَلَيْكَ وَمِنْهُم مَّن لَّمْ نَقْصُصْ عَلَيْكَ ۗ وَمَا كَانَ لِرَسُولٍ أَن يَأْتِىَ بِـَٔايَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ ٱللَّهِ ۚ فَإِذَا جَآءَ أَمْرُ ٱللَّهِ قُضِىَ بِٱلْحَقِّ وَخَسِرَ هُنَالِكَ ٱلْمُبْطِلُونَ
40:78 سەندىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ساڭا بايان قىلىپ بەرگەنلىرىمىزمۇ، بايان قىلىپ بەرمىگەنلىرىمىزمۇ بار، ھېچقانداق پەيغەمبەر اﷲ نىڭ ئىزنىسىز بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، اﷲ نىڭ ئەمرى (يەنى قىيامەت) كەلگەن چاغدا (كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا) ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، بۇ چاغدا ھەقكە قارشى تۇرغۇچىلار زىيان تارتىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:79 ٱللَّهُ ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلْأَنْعَـٰمَ لِتَرْكَبُوا۟ مِنْهَا وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ
40:79 مىنىشىڭلار ۋە گۆشلىرىنى يېيىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ سىلەرگە ھايۋانلارنى ياراتتى - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:80 وَلَكُمْ فِيهَا مَنَـٰفِعُ وَلِتَبْلُغُوا۟ عَلَيْهَا حَاجَةً فِى صُدُورِكُمْ وَعَلَيْهَا وَعَلَى ٱلْفُلْكِ تُحْمَلُونَ
40:80 ئۇلار سىلەرگە نۇرغۇن پايدا كەلتۈرىدۇ، ئۇلارغا مىنىپ دىلىڭلارغا پۈككەن ھاجىتىڭلاردىن چىقىسىلەر، (قۇرۇقلۇقتا يۈك - تاقلىرىڭلارنى) ئۇلارغا ئارتىسىلەر، (دېڭىزدا) كېمىلەرگە قاچىلايسىلەر - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:81 وَيُرِيكُمْ ءَايَـٰتِهِۦ فَأَىَّ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ تُنكِرُونَ
40:81 اﷲ سىلەرگە (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەر اﷲ نىڭ (قۇدرىتىنىڭ) قايسى ئالامەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:82 أَفَلَمْ يَسِيرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ فَيَنظُرُوا۟ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ ۚ كَانُوٓا۟ أَكْثَرَ مِنْهُمْ وَأَشَدَّ قُوَّةً وَءَاثَارًا فِى ٱلْأَرْضِ فَمَآ أَغْنَىٰ عَنْهُم مَّا كَانُوا۟ يَكْسِبُونَ
40:82 ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ بۇلاردىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپ ئىدى، زېمىندا كۈچ - قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار (يەنى ئۆي - ئىمارەت) جەھەتتە بۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:83 فَلَمَّا جَآءَتْهُمْ رُسُلُهُم بِٱلْبَيِّنَـٰتِ فَرِحُوا۟ بِمَا عِندَهُم مِّنَ ٱلْعِلْمِ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ
40:83 ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەندە، ئۆزلىرىدە بار ئىلىم بىلەن پەخىرلىنىپ (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى ۋە مەسخىرە قىلدى)، ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان (ۋە كەلسە دەپ ئالدىرىغان) ئازاب نازىل بولدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:84 فَلَمَّا رَأَوْا۟ بَأْسَنَا قَالُوٓا۟ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَحْدَهُۥ وَكَفَرْنَا بِمَا كُنَّا بِهِۦ مُشْرِكِينَ
40:84 ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا: «بىز بىر اﷲ قا ئىمان ئېيتتۇق، بىز بۇرۇن (اﷲ قا) شېرىك قىلغان بۇتلارنى ئىنكار قىلدۇق» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

40:85 فَلَمْ يَكُ يَنفَعُهُمْ إِيمَـٰنُهُمْ لَمَّا رَأَوْا۟ بَأْسَنَا ۖ سُنَّتَ ٱللَّهِ ٱلَّتِى قَدْ خَلَتْ فِى عِبَادِهِۦ ۖ وَخَسِرَ هُنَالِكَ ٱلْكَـٰفِرُونَ
40:85 بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىماننىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، بۇ (يەنى ئازابنى كۆرگەندە ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىلىق بولماسلىقى) اﷲ نىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا تۇتقان يولىدۇر، بۇ چاغدا كاپىرلار زىيان تارتقۇچى بولدى - Muhammad Saleh (Uyghur)