Selected

Original Text
Muhammad Saleh

Available Translations

93 Ađ-Đuĥaá ٱلضُّحَىٰ

< Previous   11 Āyah   The Morning Hours      Next >  

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
In the name of Allah, Most Gracious, Most Merciful.

93:1 وَٱلضُّحَىٰ
93:1 چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەمكى، - Muhammad Saleh (Uyghur)

93:2 وَٱلَّيْلِ إِذَا سَجَىٰ
93:2 قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان) چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى، - Muhammad Saleh (Uyghur)

93:3 مَا وَدَّعَكَ رَبُّكَ وَمَا قَلَىٰ
93:3 (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنىمۇ يوق، يامان كۆرۈپ قالغىنىمۇ يوق - Muhammad Saleh (Uyghur)

93:4 وَلَلْـَٔاخِرَةُ خَيْرٌ لَّكَ مِنَ ٱلْأُولَىٰ
93:4 ساڭا ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشىدۇر، - Muhammad Saleh (Uyghur)

93:5 وَلَسَوْفَ يُعْطِيكَ رَبُّكَ فَتَرْضَىٰٓ
93:5 پەرۋەردىگارىڭ ساڭا (ئاخىرەتتە ساۋاب، ھۆرمەت ۋە شاپائەت قاتارلىقلارنى) ئاتا قىلىدۇ، سەن مەمنۇن بولىسەن - Muhammad Saleh (Uyghur)

93:6 أَلَمْ يَجِدْكَ يَتِيمًا فَـَٔاوَىٰ
93:6 ئۇ سېنى يېتىم بىلىپ پاناھ بەرمىدىمۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

93:7 وَوَجَدَكَ ضَآلًّا فَهَدَىٰ
93:7 قايمۇققان بىلىپ ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

93:8 وَوَجَدَكَ عَآئِلًا فَأَغْنَىٰ
93:8 سېنى يوقسىز بىلىپ (كىشىلەردىن) بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

93:9 فَأَمَّا ٱلْيَتِيمَ فَلَا تَقْهَرْ
93:9 يېتىمنى خارلىما - Muhammad Saleh (Uyghur)

93:10 وَأَمَّا ٱلسَّآئِلَ فَلَا تَنْهَرْ
93:10 سائىلغا قوپاللىق قىلما - Muhammad Saleh (Uyghur)

93:11 وَأَمَّا بِنِعْمَةِ رَبِّكَ فَحَدِّثْ
93:11 پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) نېمىتىنى (كىشىلەرگە) سۆزلەپ بەرگىن (چۈنكى نېمەتنى سۆزلەپ بەرگەنلىك نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلىق بولىدۇ) - Muhammad Saleh (Uyghur)